سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار: _ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. Gade chapit la |
بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش ھۆكۈمدار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولغۇدەك، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرەتتى.