Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن چۇقان كۆتۈرۈشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:5
10 Referans Kwoze  

سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.


سىلەر كۈلپەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى خېلى يىراق دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن قىلمىشىڭلار جازا كۈنىنىڭ كېلىشىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.


سىلەر: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! شۇڭا بىز ئامان-ئېسەن بولىمىز!› دېگەن يالغان سۆزلەرگە ئىشەنمەڭلار.


گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟


شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ كەتتى.


روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


فىلىستىيەلىكلەر بۇ كۈچلۈك چۇقاننى ئاڭلاپ: _ ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ،


روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتقا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، ساقلاپ تۇرۇشقانىدى.


ئۇلار نەيلەرنى چېلىشقان ھالدا سۇلايمانغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشلىرىدىن يەر-جاھان لەرزىگە كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite