Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە كەلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:4
18 Referans Kwoze  

داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى.


ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.


مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.


ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.


پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەختتە ئولتۇرىسەن، سەن دۇنيادىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقلارنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن.


ئەمدى سىلەر مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېلىنىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق قۇربانلىقلارنى سۇنساڭلار، مەن سىلەرگە شەپقەت قىلارمەنمۇ؟!»


ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن.


بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ھاننا ئۇنى شىلوغا ئېلىپ باردى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا، يېرىم خالتا ئۇن، بىر تۇلۇم شاراب ئالغاچ باردى. ھاننا سامۇئىلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئېلىپ كىردى. بالا تېخى كىچىك ئىدى.


روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتقا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، ساقلاپ تۇرۇشقانىدى.


«ئى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارىسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىسەن.


روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.


ئەفرايىم، بىنيامىن ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىمىزدە، كۆرسىتىپ قۇدرىتىڭنى، قۇتقۇزغىن بىزنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite