Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، كۆزى يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. ئۇ «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپلا تۇغۇپ سالدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:19
7 Referans Kwoze  

گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ قېرى ھەم سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بويىنى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.


ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا: _ قورقمىغىن، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى.


كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»


راھىلە تولغاقتىن كۆپ ئازاب چەككەندىن كېيىن، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: _ قورقما، يەنە بىر ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېدى.


شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ياروبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا كېسەل بولۇپ قالدى.


يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا، تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا.


شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite