Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ قېرى ھەم سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بويىنى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:18
15 Referans Kwoze  

چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.


ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى، دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.


كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.


ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.


ئۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن ئەنسىرەپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


خەۋەر ئەكەلگۈچى مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلىرىمىزدىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى.


ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، كۆزى يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. ئۇ «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپلا تۇغۇپ سالدى.


فىلىستىيەلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋردە، شىمشون ئىسرائىل خەلقىگە يىگىرمە يىل سەردار بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite