15 ئەلى ئۇ چاغدا 98 ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرمەيتتى.
بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى.
ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.
ياروبئامنىڭ ئايالى ئەنە شۇ يوسۇندا شىلوغا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيا بەك قېرىپ كەتكەچكە، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ، ئېنىق كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.
ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، _ دېدى. _ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.
ئەلى چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاپ: _ نېمىشقا بۇنداق چۇقان سالىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم «بولغان ۋەقەدىن ئەلىنى خەۋەردار قىلىپ قوياي» دەپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.