Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتقان، ئۈستى-بېشىغا توپا چاشقانىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:12
9 Referans Kwoze  

يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.


ئۇلار يىراقتىن ئايۇپنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا، ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ئۈستباشلىرىغا توپا چېچىشتى.


ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.


داۋۇت تاغنىڭ ئۈستىگە، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى.


ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.


تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى.


شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىپ ھايات قالغۇچى ساڭا خەۋەر يەتكۈزىدۇ.


ئۇلار سەن ئۈچۈن پەرياد قىلىپ، قاتتىق يىغلىشىدۇ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، كۈلدە ئېغىنىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite