Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىل لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4:10
19 Referans Kwoze  

يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ تۆت مىڭغا يېقىن لەشكىرىنى ئۆلتۈردى.


ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


ئوقيالىق بولسىمۇ ئەفرايىم نەسلى، جەڭدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى.


يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


ئابىيا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ 500 مىڭ خىللانغان قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى.


كۈن پاتقاندا ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئىچىدىن بىرسىنىڭ: «ھەممە ئادەم ئۆز ماكانىغا، ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن!» دېگەن چاقىرىقى ئاڭلاندى.


شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.


شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرۋازا ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردى. پۈتۈن خەلق پادىشاھنىڭ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشكەنىدى.


داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ كۈنى ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ ئىدى.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلمىساڭلار، تۆۋەندىكى قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.


بۇرۇن مەن ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا يول قويغان شىلوغا بېرىڭلار. خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، مېنىڭ ئۇ يەرنى قانداق ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈڭلار.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite