Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 31:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 فىلىستىيەلىكلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 31:2
14 Referans Kwoze  

نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى. پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


سائۇلنىڭ يوناتان، يىشۋى، مالكىشۇۋا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مېراب، كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى مىكال ئىدى.


نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى. پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.


يىگىت: _ ئۇ چاغدا مەن دەل گىلبوۋا تېغىدا ئىدىم. ئۇ يەردە سائۇل ئۆزىنىڭ نەيزىسىگە يۆلىنىپ تۇراتتى. دۈشمەننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كەلدى.


يوناتان ئۇنىڭغا، _ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان ئىسرائىللارمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەڭگە چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى.


سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا تۇردى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى.


ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.


ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.


فىلىستىيەلىكلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite