13 ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتىكى چوڭ بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.
سائۇلغا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا سائۇل گىبئاھ تۆپىلىكىدىكى بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى، ئەمەلدارلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى.
ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن كۈن پاتقۇچە ماتەم تۇتۇشۇپ، يىغا-زار قىلىشىپ، روزا تۇتۇشتى.
ئۇلار بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دىبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دۇپ دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.
نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.
ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى.