Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 31:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى. قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 31:1
10 Referans Kwoze  

فىلىستىيەلىكلەر يىغىلىپ، شۇنېمدا بارگاھ قۇردى. سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغىپ، گىلبوۋادا بارگاھ قۇردى.


ئەي گىلبوۋا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن، يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن! چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى. سائۇلنىڭ قالقىنى ماي بىلەن ئەمەس،


فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى. ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىدا بارگاھ قۇردى.


_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل. _ مەن تولىمۇ پەرىشانمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى. ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەي دەپ، ئۆزىڭىزنى چاقىردىم.


شۇ كۈنلەردە فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاكىش داۋۇتقا: _ بىلىۋېلىڭ، سىز ئادەملىرىڭىز بىلەن مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىسىز، _ دېدى.


ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


يىگىت: _ ئۇ چاغدا مەن دەل گىلبوۋا تېغىدا ئىدىم. ئۇ يەردە سائۇل ئۆزىنىڭ نەيزىسىگە يۆلىنىپ تۇراتتى. دۈشمەننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كەلدى.


سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتان قازا قىلغاندا، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يىزرىئەلدىن يېتىپ كەلگەندە، ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى. ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقاندا، ئالدىراپ قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، مېيىپ بولۇپ قالغانىدى.


پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite