Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:8
21 Referans Kwoze  

داۋۇت ئامالەكلەر ئەسىرگە ئالغان بارلىق ئادەملەرنى ۋە ئولجا ئالغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇۋالدى، جۈملىدىن ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى.


شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بېرىپ، ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇزغىن، _ دېدى.


داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.


داۋۇت يەنە پەرۋەردىگاردىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلماي، ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل.


داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن قىيلاھقا بارغىن، فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.


جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.


سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى.


ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن: _ بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.


ھارۇننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس شۇ چاغدا روھانىي ئىدى). ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى.


سائۇل خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن شۇ كۈنى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمىدى.


ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.


ئۇ ئەسىرگە ئېلىنغان قېرىلار، ياشلار، ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ، شۇنداقلا ئولجا ئېلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى.


گىدئون 300 ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى.


شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن: _ ئۇ ئادەم بۇ يەرگە كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ ئۇ نەرسە-كېرەكلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite