Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:6
51 Referans Kwoze  

ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا، قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.


پەقەت خۇدادىنلا ئارام تاپ ئەي جېنىم، چۈنكى ئۇنىڭدىدۇر مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم.


ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.


دەرد-ئەلەملەر باسماقتا يۈرىكىمنى، شۇ دەردلەردىن قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى.


شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى: «قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر. كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»


ئاتا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەھۋالدىمۇ، ئىبراھىم يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي، خۇداغا داۋاملىق ئىشەنچ باغلىدى. نەتىجىدە، ئۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. بۇ توغرىسىدا خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ.»


شۇنچە خار بولساممۇ يەنىلا، ئىشەنچ باغلىدىم مەن ساڭا.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ: _ بۇ خەلقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، _ دېدى.


ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.


تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.


مانا بىز ھەر تەرەپتىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق، ئەمما يەكسان بولمىدۇق. تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.


ئەمما يىغىلغان پۈتۈن جامائەت: «ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشتى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نامايان بولدى.


ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپماي، خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. سىرتتا جېدەل-ماجىرا، ئىچىمىزدە قورقۇنچ بولدى.


مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


ئۇ مېنى ئۆلتۈرسىمۇ مەيلى، مېنىڭ باشقا ئۈمىدىم يوق، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلاۋېرىمەن.


بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ تەسەللى تېپىشىڭلار ۋە قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇ تەسەللى ئارقىلىق، سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر.


ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن گۇمانلانمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى.


- ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ - دېدى پىلاتۇس. ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دېيىشتى.


ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،


ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.


گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك، توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ، بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.


_ بىز بىلەن تالاشما! بولمىسا قىزىققان كىشىلەر سېنىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ! _ دېدى دان قەبىلىسىدىكىلەر.


ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى.


ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.


ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتىلىرى ۋە ئادەملىرى ماھىر جەڭچىلەردۇر. ئۇلار ھازىر خۇددى بالىلىرى بۇلاپ كېتىلگەن چىشى ئېيىقتەك قەھرگە تولغاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىلىرى تەجرىبىلىك بىر جەڭچى بولۇپ، ئۇ كېچىدە لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياتمايدۇ.


ئاندىن ئايال تاغقا چىقىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىۋالدى. گېخازى ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ، _ دېدى.


سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.


قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.


ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار، غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار.


ئىگەم مېنى ئازاد قىلغىن رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ئادالەتسىز، رەھىمى يوق ئادەملەرنىڭ ئالىقىنىدىن.


ئۆزۈڭ ئۈمىدىمسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ياشلىقىمدىن تارتىپ سەن بولدۇڭ تايانچىم.


«نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا. پەرياد قىلدىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ، قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ.


ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىدەك جەڭگىۋار ھالەتتە ئۇرۇش سېپىنى قايتىدىن تۈزۈشتى.


_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل. _ مەن تولىمۇ پەرىشانمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى. ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەي دەپ، ئۆزىڭىزنى چاقىردىم.


بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite