Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە سوۋغات بولسۇن» دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:26
14 Referans Kwoze  

ئەمدى ئاجىزەيىڭىز ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە كەلگەن يىگىتلەرگە بەرسىڭىز.


شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەردلەرچە ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.


رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.


گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار، چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا. «قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا.


نائامان ئادەملىرى بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئەمدى پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا خۇدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.


مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.


سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.


ئاجىزەيىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىزغا مۇستەھكەم خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى سىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىسىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمۈرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايسىز.


داۋۇت ئامالەكلەرنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئولجا ئالدى. ئۇلارنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: «بۇ داۋۇتنىڭ ئولجىلىرى» دەپ ۋارقىراشتى.


داۋۇت شۇ كۈندىن باشلاپ بۇنى ئىسرائىللارنىڭ قانۇن-تۈزۈمى قىلىپ بېكىتتى. بۇ قانۇن-تۈزۈم شۇنىڭدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.


سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىپ، زىقلاق شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite