25 داۋۇت شۇ كۈندىن باشلاپ بۇنى ئىسرائىللارنىڭ قانۇن-تۈزۈمى قىلىپ بېكىتتى. بۇ قانۇن-تۈزۈم شۇنىڭدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
سامۇئىل داۋۇتنىڭ بېشىغا ئاكىلىرى ئالدىدا مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ، داۋۇتقا پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.
سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچكىم قوشۇلمايدۇ. جەڭگە چىققانلار بىلەن ياراغ-جابدۇقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ ئۈلۈشى ئوخشاشتۇر، ھەممە نەرسە تەڭ بۆلۈنسۇن، _ دېدى.
داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە سوۋغات بولسۇن» دېدى.