23 داۋۇت: _ ھەي بۇرادەرلەر، بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرغان پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىلغان ئولجىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ بايلىق تېپىش ئىقتىدارلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەرگەندۇر. ئۇ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، سىلەر بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىڭلار.
- ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى پاۋلۇس.
ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:
نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر. خار قىلغۇچى ھەم ئەزىز قىلغۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.
بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن.
يەڭلار، تويغىنىڭلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار. چۈنكى ئۇ ئاشۇ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى.
ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلماڭلار!
شۇنداق قىلىپ، بابىللىقلار ئۆز تورىغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدۇ. تورىغا ئاتاپ، كۈجە كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ تورلىرى بىلەن باياشات ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ تائاملىرى ناھايىتى مولدۇر.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
لېكىن داۋۇت بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى پەسكەش، يامان ئادەملەر: _ ئۇلار بىز بىلەن بىرگە بارمىغاندىكىن، بىز ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى.
سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچكىم قوشۇلمايدۇ. جەڭگە چىققانلار بىلەن ياراغ-جابدۇقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ ئۈلۈشى ئوخشاشتۇر، ھەممە نەرسە تەڭ بۆلۈنسۇن، _ دېدى.
سىلەر بۇ بايلىقلارغا ئىككى قولىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ئېرىشتۇق، دەپ ئويلىماڭلار.