Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 لېكىن داۋۇت بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى پەسكەش، يامان ئادەملەر: _ ئۇلار بىز بىلەن بىرگە بارمىغاندىكىن، بىز ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30:22
10 Referans Kwoze  

باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ.


ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، جامائەتكە: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.


ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدىڭ› دېسۇن. ئاندىن سىلەر نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.»


تەقسىر، سىز مىجەزى چۇس نابالغا [«نابال» ئەخمەق دېگەن مەنىدە] ئېتىبار قىلمىغايسىز، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەق ئادەم. مەنكى ئاجىزەيىڭىز سىز ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمەي قاپتىمەن.


ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان ۋە نارازىلىقى بولغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى.


ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا، شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا: _ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ھېرىپ-چارچىغانلىقىدىن ئۆزى بىلەن بىرگە ماڭالماي، بىسور جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۈز ئادەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىغا چىقتى. داۋۇت ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلارغا سالام قىلدى.


داۋۇت: _ ھەي بۇرادەرلەر، بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرغان پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىلغان ئولجىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite