19 ئۇ ئەسىرگە ئېلىنغان قېرىلار، ياشلار، ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ، شۇنداقلا ئولجا ئېلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.
سەن ھەمىشە ئۇنى، ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدىكى پۈتۈن نەرسىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلدىڭ! ئۇنىڭ مال چارۋىلىرى پۈتۈن زېمىننى قاپلاپ كەتتى.
داۋۇت ئامالەكلەرنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئولجا ئالدى. ئۇلارنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: «بۇ داۋۇتنىڭ ئولجىلىرى» دەپ ۋارقىراشتى.