12 ھەم بىرئاز ئەنجۈر قېقى ۋە ئىككى ئوچۇم كىشمىش بەردى. ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، تېنىگە ماغدۇر كىردى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئاغزىغا ھېچنېمە سالمىغانىدى.
خۇدا لەخى دېگەن جايدا يەرنى يېرىپ، سۇ چىقاردى. سۇ يەردىن ئېتىلىپ چىقتى. شىمشون سۇدىن ئىچتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى. شۇڭا بۇ بۇلاقنىڭ ئىسمى ئېن-ھاققورە [مەنىسى «ئىلتىجا قىلغۇچى بۇلىقى»] دەپ ئاتالدى. بۇ بۇلاق تېخىچە لەخى دېگەن جايدا بار.
لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، ئۇ شۇنچە روھلىنىپ كەتتى.
- جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە.
پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.
_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالاغا تاشلاپ كەتتى.
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك
پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ، ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە. سىئون نالە قىلماقتا: «ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا، مەن خارلانماقتىمەن!