9 ئەلى سامۇئىلغا: _ بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى. سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى.
خەلق مۇساغا: _ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.
مەن يەنە ئىگەمنىڭ: «كىمنى ئەۋەتەي؟ كىم بىز ئۈچۈن بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. مەن: _ مەن بۇ يەردىمەن، مېنى ئەۋەتىڭ! _ دېدىم.
قۇلاق سالاي خۇدانىڭ سۆزلىرىگە، خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ ئىگەم ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا، ماڭمىسۇن دەپ خاتا يولدا ئۇلار يەنە.
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، - دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن.
ئۇ ماڭا: _ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، خاتىرجەم بول، چىداملىق، باتۇر بول! _ دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: _ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم.
پەرۋەردىگار سامۇئىلنى ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا كەلدىم، _ دېدى. ئەلى شۇ چاغدا بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك: _ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.
ئۇ ئادەم جاۋابەن: _ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ: _ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.
شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.