Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 3:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 3:21
12 Referans Kwoze  

بالا سامۇئىل روھانىي ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەمدىن كەم كېلەتتى.


پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. _ لەببەي، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل ۋە


پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.


قەدىمكى زامانلاردا، خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر خىل يوللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلىگەنىدى.


دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك: _ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.


سەكسەن ئادەم شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىسىغا قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرىق سالماقچىدى.


سىلەر بۈگۈن ھەممىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. ئاراڭلاردا قەبىلە باشلىقلىرى، ئاقساقاللار، باشقۇرغۇچىلار، باشقا بارلىق ئىسرائىل ئەرلىرى،


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:


لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى، يەنى ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite