Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 3:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 شۇڭا سامۇئىل ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېيتىپ بەردى. ئەلى ئۇنىڭغا: _ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 3:18
18 Referans Kwoze  

پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە: _ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە، ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن، دەپ ئويلىدى.


_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدانىڭ بەختىگىلا ئېرىشىپ، بالا-قازاسىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا. ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇداغا قارشى گەپ قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.


ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يەنە يېلىنىپ: _ بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، بىزنى نېمە قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىلغايسەن، لېكىن بىزنى بۈگۈن قۇتقۇزغايسەن، _ دېدى.


بىز جازالاندۇق گۇناھلىرىمىز ۋەجىدىن، قانداقمۇ ئاغرىنايلى خۇدادىن؟


سۈكۈت قىلىپ ئاچمايمەن ئاغزىمنى، چۈنكى، ئادىلدۇر جازالىشىڭ مېنى.


«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»


سەن ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە يوقاتمايسەنغۇ، ئۇنداق قىلماسسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، ھەققانىيلار گۇناھكارلار بىلەن تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟ سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى تۇرساڭ، جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن! _ دېدى.


پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە پەسكە چۈشتى ۋە مۇسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىنى جاكارلىدى.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.


ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، ئۇ مېنى قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلسۇن، _ دېدى


پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە: _ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن» دەپ ئويلىدى.


يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا يەتكۈزگەندە،


ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچىنچى كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى بۇيرۇدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: _ مەن سەندىن بىر سوئال سورايمەن. ھېچقانداق ئىشنى مەندىن يوشۇرما، _ دېدى.


يەرەمىيا پەيغەمبەر جاۋابەن: _ بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دېگىنىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئېيتىمەن. سىلەردىن ھېچ ئىشنى يوشۇرمايمەن، _ دېدى.


جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite