سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 3:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئەلى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى قاتتىق جازالىغاي! _ دېدى. Gade chapit la |
دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
مەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان بولسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.