10 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك: _ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.
پەرۋەردىگار سامۇئىلنى ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا كەلدىم، _ دېدى. ئەلى شۇ چاغدا بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدى.
ئەلى سامۇئىلغا: _ بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى. سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.
سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى.
پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.
مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم.
ئۇ ئادەم جاۋابەن: _ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ: _ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.