سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 29:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ئاكىش داۋۇتنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز دۇرۇس ئادەم، سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىزدە بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم. جەڭگە مەن بىلەن بىرگە چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. لېكىن باشقا بەگلىرىمىز سىزنى خالىمايدىكەن. Gade chapit la |
داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.