سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 29:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ: _ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن يەرگە قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ. ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە! Gade chapit la |
داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىدىن بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى: «ئەگەر داۋۇت ئۆز خوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، بېشىمىز تېنىمىزدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتكەنىدى.)