سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 29:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى: _ بۇ ئىبرانىيلارنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار؟ _ دېيىشتى. _ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا سەركەردە بولغان داۋۇت، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا. Gade chapit la |
ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى.
داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىدىن بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى: «ئەگەر داۋۇت ئۆز خوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، بېشىمىز تېنىمىزدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتكەنىدى.)