سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 28:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 شۇنداق قىلىپ، سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ سىزدىن ئىلتىماسىم، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتقان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى. Gade chapit la |
سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ بېقىشنى خالىمىدى، ئەكسىچە ئەرۋاھ چاقىرىدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.