Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 28:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 _ ئۇنىڭ تەق-تۇرقى قانداق ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ بىر مويسىپىت ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇچىسىغا تون كىيىۋاپتۇ، _ دېدى باخشى ئايال. سائۇل بۇنىڭ سامۇئىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 28:14
7 Referans Kwoze  

سامۇئىل ئارقىغا بۇرۇلۇپ، ماڭماقچى بولدى. سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تارتىۋېدى، تون يىرتىلىپ كەتتى.


ئىلياس تونىنى تولغاپ، سۇنى ئۇرۇۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئىككىيلەن قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ، دەريادىن ئۆتتى.


شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن: _ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى. سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.


سائۇل باخشى ئايالغا: _ قورقما! نېمىنى كۆرىۋاتىسەن؟ _ دېدى. باخشى ئايال سائۇلغا: _ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى ئىزدەپ تاپتى. بۇ چاغدا ئېلىشا قوش ھەيدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. كىشىلەر 12 جۈپ ئۆكۈز بىلەن يەر ئاغدۇرۇۋاتاتتى. ئېلىشا بولسا 12-جۈپ ئۆكۈزنىڭ يېنىدا ئىدى. ئىلياس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى.


پادىشاھ ئۇلاردىن: _ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ گەپلەرنى قىلغان قانداق ئادەم ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite