12 باخشى ئايال سامۇئىلنى كۆرۈپ، قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە سائۇلغا: _ نېمىشقا مېنى ئالدايلا، سىلى سائۇل ئىكەنلىغۇ؟ _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى: _ ياروبئامنىڭ ئايالى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر ئايال سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ساڭا دېگەنلىرىمنى دېگىن.
ئۇ چاغدا سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلىپ، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋاتاتتى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى.
پەقەت تاڭ ئاتقاندىلا، ياقۇپ ئايالىنىڭ لېياھ ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ لابانغا: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن راھىلەنى دەپ، سىزگە يەتتە يىل ئىشلىدىم. مېنى نېمىشقا ئالدىدىڭىز؟ _ دېدى.
_ مەن سىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال. _ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل.
سائۇل باخشى ئايالغا: _ قورقما! نېمىنى كۆرىۋاتىسەن؟ _ دېدى. باخشى ئايال سائۇلغا: _ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، _ دېدى.