Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 28:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 28:10
10 Referans Kwoze  

ئارقىدىنلا ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، ھەتتا خانلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسىڭىزمۇ مەرھەمەت، - دېدى.


پېترۇس قەسەم قىلىپ: - مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن، - دەپ يەنە ئىنكار قىلدى.


_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگارلىرى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.


سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەسەم قىلىپ: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، داۋۇت ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى.


مەن ئىسرائىللارغا نۇسرەت بەرگۈچى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھنى قىلغان كىشى ھەتتا ئوغلۇم يوناتان بولسىمۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى. لېكىن خەلقتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى.


نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.


خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.


_ ئۆزىڭىز پادىشاھ سائۇلنىڭ پالچى ۋە باخشىلارنى زېمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن جېنىمنى قەستلەپ، مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىسىز؟ _ دېدى باخشى ئايال.


_ مەن سىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال. _ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite