بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى: _ بۇ ئىبرانىيلارنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار؟ _ دېيىشتى. _ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا سەركەردە بولغان داۋۇت، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا.