Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 27:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئاكىش شۇ كۈنىلا زىقلاق شەھىرىنى داۋۇتقا بەردى. (شۇنىڭدىن بېرى زىقلاق شەھىرى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە.)

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 27:6
12 Referans Kwoze  

زىقلاق ۋە مىكونا ھەم مىكونانىڭ يېزىلىرى،


زىقلاق، مادماننا، سانساننا،


داۋۇت زىقلاققا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا قوشۇلغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەر: ئادناخ، يوزاباد، يىدىئائېل، مىكائىل، يوزاباد، ئەلىھۇ ۋە زىللىتاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى.


داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى، يەنى پادىشاھ سائۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاققا بېرىۋالغاندا، جەڭ قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.


بەيتۇئېل، خورماھ، زىقلاق،


سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىپ، زىقلاق شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇردى.


بىز كىرېتلەر، كالىب ۋە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان يەھۇدا چۆلىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىردۇق ھەم زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتتۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى.


داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى.


ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.


زىقلاق، بەيت-ماركابوت، خازار-سۇساھ،


داۋۇت گات پادىشاھى ئاكىشقا: _ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتلىرىغا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشايمەن، _ دېدى.


فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ: _ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن يەرگە قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ. ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite