2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى باردى.
داۋۇت ئادەملىرىگە: _ ھەممىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم نەرسە-كېرەكلەرنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى.
شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز كىشى يولغا ئاتلاندى. ئۇلار بىسور جىلغىسىغا كەلگەندە، ئىككى يۈز ئادەم ھېرىپ قالغانلىقتىن جىلغىدىن ئۆتەلمەي شۇ يەردە قالدى. داۋۇت تۆت يۈز ئادەمنى باشلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى.
داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى، يەنى پادىشاھ سائۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاققا بېرىۋالغاندا، جەڭ قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.
پادىشاھ ئاكىشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى داۋۇتقۇ؟ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟ _ دېدى.