22 داۋۇت: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مانا بۇ سىلىنىڭ نەيزىلىرى، يىگىتلىرىدىن بىرى كېلىپ ئەكەتسۇن.
سائۇل مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم داۋۇت، مەن گۇناھ قىلدىم، ئەمدى قايتىپ كەلگىن. بۈگۈن سەن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن.
پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ.