Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 سائۇل مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم داۋۇت، مەن گۇناھ قىلدىم، ئەمدى قايتىپ كەلگىن. بۈگۈن سەن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:21
16 Referans Kwoze  

_ سەن توغرا قىلدىڭ، مەن خاتالاشتىم. مەن ساڭا يامانلىق قىلدىم، ئەمما سەن ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ!


سائۇل: _ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ۋە سىزنىڭ سۆزىڭىزگە خىلاپلىق قىلدىم.


پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ بۇ قېتىم مەن خاتا قىلدىم، خەلقىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر.


- مەن بىگۇناھ بىر جانغا زامىن بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، - دېدى. - بۇ سېنىڭ ئىشىڭ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ - دېيىشتى ئۇلار.


سائۇل: _ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتىڭ. مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى.


ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى، پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى.


«داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى.


بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بىلىنگەندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بىلىنسۇن ۋە مېنى بارلىق مۈشكۈلاتلاردىن خالىي قىلسۇن، _ دېدى.


فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىگە قارىغاندا ئۇرۇشتا كۆپ غەلىبىگە ئېرىشەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە شۆھرەت سازاۋەر بولدى.


بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى: _ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي.


داۋۇت: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مانا بۇ سىلىنىڭ نەيزىلىرى، يىگىتلىرىدىن بىرى كېلىپ ئەكەتسۇن.


ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى، ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى.


سامۇئىل: _ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلماپسەن! ئەگەر رىئايە قىلغان بولساڭ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلغان بولاتتى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئەللىك ئادەم بىلەن ئەۋەتتى. ئۈچىنچى ئەللىكبېشى ئىلياسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ئۆتۈنەي، ماڭا ۋە ئادەملىرىمگە ئىچلىرى ئاغرىسۇن، جېنىمىزنى ساقلاپ قالغايلا.


ئالدىنقى ئىككى قېتىم ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىككى ئەللىكبېشى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ماڭا ئىچلىرى ئاغرىسۇن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite