سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بىر يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىنىڭ مېنى، يەنى كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا بىر ئىشتۇر. Gade chapit la |
لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.