Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:19
32 Referans Kwoze  

بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.


ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە يەنە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغاندۇر!


ئوغلۇم بىلەن مېنى خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان يېرىمىزدىن ئايرىماقچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم.


ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.


شەيتان ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، داۋۇتنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىشقا كۈشكۈرتتى.


ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كېلىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالايمىقان ۋارقىرايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئۇنىڭغا ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى.


پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.


مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ.


سىلەرنى قۇتراتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن!


ئەگەر سىلەر يېمەكلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنى ئۆز ۋىجدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان.


ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن چاقنايدۇ، يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپچەكلەيدۇ، چۈنكى، دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىن بايلىقلار ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا تەۋە بولىدۇ.


قۇلنى يامانلىما خوجايىنىغا، قارغىۋېتەر قۇل سېنى، ئەيىبكار بولارسەن بولمىسا.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا يەنە غەزىپى كەلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار داۋۇتنى كۈشكۈرتۈپ: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى.


ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن. ئاجىزەيىڭىزگە سۆزلەشكە ئىجازەت بەرگەيسىز ۋە سۆزۈمگە قۇلاق سالغايسىز.


شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن.


يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا!


داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىلا؟


ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى.


_ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بەرسەم، گۇناھىمىزدىن ئۆتىسىلەر؟ قانداق قىلسام، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان بىزنى قارغىمايسىلەر؟


ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.


ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.»


ئۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار! چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى سىنىغىنىدۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىدۇر.


پادىشاھ داۋۇت: _ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنى مېنى قاغاشقا ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنى توسقۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ _ دېدى.


ئەمەلگە ئاشۇرغاي ئارمانلىرىڭنى، ئىجابەت قىلغاي كۆڭلۈڭگە پۈككەنلىرىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite