14 داۋۇت سائۇلنىڭ ئادەملىرىگە ۋە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرغا قاراپ ۋارقىرىدى: _ ھەي ئابنېر، جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ سەن كىم، پادىشاھقا قاراپ ۋارقىراشقا جۈرئەت قىلغان؟ _ دېدى ئابنېر.
ئايالى ئىسمى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت جىلغىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، دۆڭگە چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ئارىلىق بار ئىدى.
داۋۇت ئابنېرغا: _ سەن ئىسرائىلىيەدىكى تەڭدىشى يوق باتۇر ئەمەسمۇسەن؟ سەن نېمىشقا پادىشاھنى ياخشى قوغدىمايسەن؟ بىرسى خوجايىنىڭ بولغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگىلى بارگاھقا كىردى.
نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.