Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ياكى ئۇنىڭ كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:10
23 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي. مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى.


ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل.


قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.»


ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى.


شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۆلدى.


تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.


پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سىزنىڭ جېنىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ.


ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»


بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»


ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەن.


بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟


تۇغۇلۇشنىڭ ۋە ئۆلۈشنىڭ ۋاقتى بار، تېرىشنىڭ ۋە يۇلۇۋېتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار، رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار، شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار.


پات يېقىندا تۈگەيدۇ رەزىللەرنىڭ كۈنلىرى، يوقىلار ماكانلىرىدىن، ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن ئۇلارنى.


ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ؟ ئەگەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسا، مەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولساممۇ، تاكى سەن ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچە كۈتەتتىم.


ئىنساننىڭ كۈنلىرى ساناقلىقتۇر، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر، سىزغان سىزىقىڭدىن ھېچكىم چىقىپ كېتەلمەيدۇ.


بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتى مۇشەققەتلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى مەدىكارنىڭ كۈنلىرىگە ئوخشىماسمۇ؟


پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوتچى بولۇپ، كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارسۇن. پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، مېنى ئاقلىسۇن ۋە مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزسۇن!


چۈنكى، تەۋراتتا «ئىنتىقام مېنىڭ، جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.


كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي. مەن سىلىگە قول تەگكۈزمەيمەن، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىلىدىن ئىنتىقام ئالغاي.


داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.


سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ تىقىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچقا ئۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite