Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 25:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئادەملىرىڭىزدىن سوراپ باقاسىڭىزلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىزمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. بىز ھۇزۇرىڭىزغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلدۇق. بىز خىزمەتكارلىرىڭىزغا، شۇنداقلا ئوغلىڭىز داۋۇتقا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيسىز».

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 25:8
9 Referans Kwoze  

شۇ سەۋەبتىن كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنىنى خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىشتى.


شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.


ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال، چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.


بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.


ھەي ئاتا، قاراپ باقسىلا، ئېتەكلىرىنىڭ بىر پارچىسى مانا مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ. سىلىنى ئۆلتۈرمەي ئېتەكلىرىنىلا كېسىۋالغانلىقىمدىن مەندە سىلىگە زىيانكەشلىك قىلىش ياكى ئاسىيلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالالايلا. گەرچە مېنىڭ قىلچىلىك گۇناھىم بولمىسىمۇ، لېكىن سىلى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىلا.


پەرۋەردىگار يەنە: _ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا باردى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن كەلدىم! _ دېدى. _ مەن سېنى چاقىرمىدىم بالام. بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، _ دېدى ئۇ.


داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر كېلىپ، داۋۇتنىڭ نامىدا بۇ گەپلەرنى نابالغا ئېيتىپ، جاۋاب كۈتۈپ تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite