44 داۋۇتنىڭ بىرىنچى خوتۇنى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى.
داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «سىڭلىڭ مىكالنى، يەنى مەن يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.
داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ خەتنىلىكىنى ئېلىپ، تولۇق سانى بىلەن پادىشاھ سائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇشقا لايىق ئىشنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى.
ئەي، گاللىم شەھىرىنىڭ خەلقى، ياردەم چاقىرىڭلار! لايشاھ شەھىرىدىكىلەر، سىلەرمۇ ئاڭلاڭلار، ئەي، بىچارە ئاناتوت شەھىرىدىكىلەر،
ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى. بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ، خۇشال بولۇپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئېرىدىن، يەنى لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى.