23 ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ، دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.
بالا كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئىككىسى قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن: _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن: _ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى. سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ: _ نېمىشقا مەندەك بىر مۇساپىرغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى.
ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن. ئاجىزەيىڭىزگە سۆزلەشكە ئىجازەت بەرگەيسىز ۋە سۆزۈمگە قۇلاق سالغايسىز.
ئابىگال يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ، ئۇلارغا: _ مەن خوجامنىڭ دېدىكى بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقىمۇ تەييارمەن، _ دېدى.
ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.
سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت. _ لەببەي، _ دېدى ئۇ.
تىقوۋالىق ئايال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا!
ئاخىمائاز پادىشاھقا يۇقىرى ئاۋازدا: _ تىنچ-ئامان بولغايلا، _ دەپ توۋلىدى. ئۇ يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي.
ئاراۋنا داۋۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خامىنىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.