21 داۋۇت ئادەملىرىگە مۇنداق دېگەنىدى: _ چۆل-باياۋاندا بۇ كىشىنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ بىرەرسىنىمۇ يوقىتىۋەتمەي، ھەممىسىنى قوغدىغىنىم بىكار كېتىپتۇ.
كىمكى ياخشىلىققا قىلسا يامانلىق، ئۆيىدىن كەتمەس يامانلىق.
بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.
دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.
ئەگەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا، ئۇنداقتا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىزدىن ئەۋزەلدۇر.
ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.
يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.
ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.
ياخشىلىقىمقا يامانلىق قايتۇرغانلار، توغرا يولدا ماڭدىڭ دەپ قارشى چىقار.
يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى، بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.
ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇرۇپ ئۇلار، ئىچ-ئىچىمدىن مېنى ئازابتا قالدۇرار.
ئۇلار نادان، ئاتاقسىزلارنىڭ پۇشتى بولۇپ، قامچا بىلەن زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.
داۋۇت ئادەملىرىگە: _ ھەممىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم نەرسە-كېرەكلەرنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى.
ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە يىراققا بارمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: _ سەن دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىسىلەر؟
ئاڭلىسام قويلىرىڭىزنى قىرقىۋېتىپسىز. بىز سىزنىڭ قويچىلىرىڭىز بىلەن كارمەلدە باردى-كەلدى قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدۇق، ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسىنى ئېلىۋالمىدۇق.
لېكىن ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغانىدى. بىز چۆل-باياۋاندا ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدى، بىز ھېچ نەرسىمىزنى يوقاتمىغانىدۇق.
ئابىگال ئېشىكىگە مىنىپ، تاغنىڭ ئەگمىسىدىن چۈشۈۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كەلدى.