سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 25:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 لېكىن نابال داۋۇتنىڭ يىگىتلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەردى: _ كىم ئۇ داۋۇت دېگەن؟ كىم ئۇ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن خىزمەتكارلار ناھايىتى كۆپ. Gade chapit la |
شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.