Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇ ئادەملىرىگە: _ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشتىن، زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىسۇن. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھتۇر، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:6
11 Referans Kwoze  

سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار.


ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.


بىراق نابوت ئاخابقا: _ خۇدا ساقلىسۇن، ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراس يەرنى سىلىگە قەتئىي بەرمەيمەن، _ دېدى.


داۋۇت ئۇنىڭغا: پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭ قانداق باردى؟ _ دېدى.


قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ ئۆكۈزىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، خاتالىقىمنى تۈزىتەي!


داۋۇت شۇنداق دەپ ئۆز ئادەملىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سائۇلغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. سائۇل غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى.


لەشكەرلەرنىڭ سانى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، داۋۇت كۆڭلىدە ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite