Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: _ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى داۋۇتقا. داۋۇت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى،

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:4
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ.


مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلە، پەرۋەردىگار غاردا سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، بەزىلەر «ئۆلتۈر» دېدى، لېكىن مەن سىلىنى كەچۈردۈم. مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ ئالىيلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدىم.


بۈگۈن سەن ماڭا يامانلىق قىلمايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. گەرچە پەرۋەردىگار بۈگۈن مېنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ.


يوناتان ئۇنىڭغا، _ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.


سائۇلغا داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل: _ داۋۇت سېپىللىرىغا دەرۋازا ئورنىتىلىپ، بالداق بېكىتىلگەن شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.


چېدىرىمدىكىلەر ئەزەلدىن مېنىڭ باشقىلارنى ئاچ قالدۇرمىغىنىمغا گۇۋاھتۇر.


ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ رەقىبلىرى سائۇل ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئالىدىغان ئىنتىقاملىرىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.


لېكىن بۇ ئىش مەقسەتسىز ھالدا ۋە مېنىڭ يول قويۇشۇم بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى مەن بېكىتكەن جايغا قېچىپ بارسا بولىدۇ.


داۋۇت ئۇ يەردىن قېچىپ، ئادۇللام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى غاردا پاناھلاندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئاتا جەمەتىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.


شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.


ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن، پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite