Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 سەن ئەمدى مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە ئاتا جەمەتىمنىڭ نامىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى قۇرۇتۇۋەتمەيدىغانلىقىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغىن!

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:21
9 Referans Kwoze  

شۇڭا سەن بۇ يەردە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ۋەدە بەر. مېنى، پەرزەنتلىرىمنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ھەرگىز ئالدىما. مەن ئەزەلدىن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا، يەنى ئۆزۈڭ مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئەلگە سادىق بول، _ دېدى.


ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلىدۇ. قەسەم ئىسپات ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ.


ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىشقا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاس قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى.


لابان ياقۇپقا: _ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. مانا بۇ، بۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.


يوناتان ئۇنىڭغا، _ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.


ئاجىزەيىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىزغا مۇستەھكەم خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى سىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىسىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمۈرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايسىز.


پەرۋەردىگار سىزگە ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سىزنى ئىسرائىلىيەگە يېتەكچى قىلغان چاغدا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite