2 سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدەپ «تاغ ئۆچكىسى قىياسى»نىڭ يېنىغا كەلدى.
بۇنى ئاڭلىغان سائۇل دەرھال ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەش ئۈچۈن زىف چۆلىگە ئاتلاندى.
خۇددى قېزىلىپ چىققان تاشلاردەك سوقا يەرنى ئاغدۇرغاندا، ئۇستىخانلىرى چېچىلىپ ياتار گۆر ئالدىدا. تاشلىۋېتىلسە يارلاردىن ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى، ھەقىقەت بولغاچ سۆزۈم قالغانلار چۈشىنەر ئۇنى.
تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار، تىك قىيا سۇغۇرغا پاناھ بولار.
تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.
ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر.
ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.
قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر،
تاغ ئۆچكىسىنىڭ قاچان ئوغلاقلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئانا بۇغىنىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟
شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى.