19 كىممۇ سەندەك ئۆز دۈشمىنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ يولغا سالىدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ بۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي!
ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى خۇدا، قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.
_ بالام داۋۇت، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! سەن چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن ھەم غەلىبىگە ئېرىشىسەن! _ دېدى سائۇل. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئۆز يولىغا راۋان بولدى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتتى.
سائۇل: _ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن.
ئۇ ئانىسىغا: _ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن سىزدىن ئوغرىلىۋالغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى.
قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.
يوناتان ئۇنىڭغا، _ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.
پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ.